Posts

Showing posts from January, 2018
Image
 ئۇشبۇ قىسىمنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرەلەيسىز: بىرىنچى بۆلۈم: https://www.facebook.com/mamtimin.ala/videos/2235754086442113/?notif_id=1517112910589756&notif_t=feedback_reaction_generic ئىككىنچى بۆلۈم: https://www.facebook.com/mamtimin.ala/videos/2237450682939120/?notif_id=1517209557908783&notif_t=feedback_reaction_generic 

«چۆكۈۋاتقان» پاراخوت

«چۆكۈۋاتقان» پاراخوت سۆزىمىزنى «تىتانىك» فىلىمىدىن باشلايلى. فىلىم ئەينى ۋاقىتتا نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ بەختكە قارشى مۇزتاغقا سوقۇلۇپ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكى ۋە مىڭلىغان يولۇچىلارنىڭ قازا قىلغانلىقىدەك ئۇنتۇلماس بىر تراگېدىيىنى تەسۋىرلەيدۇ. فىلىم قانچىلىك دەرىجىدە ئېپىك قەسىدە بولسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە پسىخىك قەسىدىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇتۇلغۇسىز ۋە ۋەيران قىلغۇچ تالاپىتىنى كۆرسىتىۋاتقان ئۆلۈمگە ئادەملەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانىقىنى ئەڭ كىچىك دېتاللارغىچە نامايان قىلىدۇ—پاراخوتتىكىلەرنىڭ بىرلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا، بىرلىرى باشقىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرسە ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش پۇرسىتىنى ئۇلارغا ئۆتۈنسە، بىرلىرى شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئانىلار ۋە بالىلارغا ئاجرىتىلغان قۇتقۇزۇش قېيىقلىرىغا چىقىۋېلىپ ئامان قېلىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىركەشسە، بىرلىرى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچلىق بۇرچىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلسا،بىرلىرى ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تېررور ھېسسىغا چۆمگەنلەرگە خۇدانىڭ

لەھزىلىك ئويلار

Fleeting thoughts لەھزىلىك ئويلار The lost self and the found self is, after all, the same self. So believe in the integrity of your self. يىتكەن ئۆزلۈك بىلەن تېپىلغان ئۆزلۈك  يەنىلا  بىر ئۆزلۈكتۇر. شۇڭا، ئۆزلۈكۈڭنىڭ بىرلىكىگە ئىشەن.  Don’t tempt to move forward, don’t attempt to go back to your original position but stay where you are in the moments of darkness because in most cases the ideas about progress and nostalgia are illusionary and hence deceptive. قاراڭغۇ  مىنۇتلاردا ئالدىڭغا مېڭىشقا ئالدىراپ كەتمە، بۇرۇنقى ئورنۇڭغا قايتىشقىمۇ تەرەددۇت قىلما، ئەمما ئورنۇڭدا قوزغالماي تۇر، چۈنكى كۆپ ھاللاردا تەرەققىيات بىلەن ئۆتمۈشنى سېغىنىش  ھەققىدىكى ئويلار خام خىيال شۇڭا ئالداشچان بولىدۇ.    The worst form of self-criticism is to take this self to be empty deep inside. ئۆزىنى تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ناچار شەكلى دەل ئاشۇ ئۆزلۈكنى ئىچ-ئىچىدىن قۇرۇق دەپ قاراشتۇر. The power of art is always an antithesis to the art of power. سەنئەتنىڭ كۈچى ھەر ۋاقىت كۈچ سەنئىتىنىڭ قا

پسىخىك ساغلاملىق ھەققىدە ساۋات» نىڭ ئىككىنچى لېكسىيىسى: سەزگۈلەر ۋە ئىدراكلار

Image
تەپسىلاتىنى مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرگەيسىز: https://www.facebook.com/mamtimin.ala/videos/2214649101885945/