Posts

Showing posts from March, 2017

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، پېقىر ئۇشبۇ خەتنى سىلەر بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزنى تەبىرلەيدىغان ئېنىقسىز ۋاقىتتا ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىستىكىدە يېزىۋاتىمەن. ئەگەر ئۇشبۇ سۆھبەتنىڭ خاسىيىتىدە دىققىتىڭلارغا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز، قىممەتلىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزدىن ئىبارەت تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلەلىسەم، قەۋەتلا خۇرسەن بولىمەن. سىلەرگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكچىمەنكى، سىلەرنىڭ ئەمدى بالىلىقنىڭ بۇرۇنقى غەمسىز، ساددا ۋە ھېسسىياتچان شادلىقلىرىنى ۋە قورامىغا يەتكەنلىكنىڭ ساختا باھانە-سەۋەبلىرىنى تاشلاپ، ھاياتىڭلاردىكى ماھىيەتلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيتىڭلار كەلدى—ئۆزۈڭلارغا ۋە ئۆزۈڭلار تەۋە ۋەتەنگە سادىق بولۇش. چۈنكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى يەلكەڭلەرگە چۈشىدۇ، شۇنداقلا سىلەر ھەر ۋاقىت ۋەتىنىڭلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىلىسىلەر.                ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، سىلەر سەلتەنەتلىك تارىخ ياراتقان بىر قوۋمنىڭ ئەۋلادىسىلەر. ئەپسۇسكى، قانچىلىك سەلتەنەتلىك بولۇشىغا قارىماي، بۇ تارىخ ئاخىرى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىش ب