Posts

Showing posts from October, 2016

ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل

ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل ھەر بىر شەھەرنىڭ بىر قەلبى بار. بۇ قەلبتىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قەلب ھەر ۋاقىت كوچىدىكىلەرنىڭ تۈگىمەس ۋاڭ-چۇڭلىرى، بالىلارنىڭ قىيقاس-چۇقانلىرى، ئاپتوۋۇزلارنىڭ سىگناللىرى، ماشىنىلارنىڭ غۇيۇلداپ چېپىشلىرى، پويىزلارنىڭ گۈدۈكى، شەھەردىكى ئۇششاق ساتارمەنلەرنىڭ ئۇھ تارتىشى، كېسەلخانىدىكىلەرنىڭ ئىڭراشلىرى، ئاشىقلارنىڭ نەپەسلىرى، تاملاردىكى رەڭگا-رەڭ ئېلانلار ۋە مېدىيالارنىڭ ھېلىدىن-ھېلىغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلىرى بىرلە سوقۇپ تۇرىدۇ. ئىستانبۇلنىڭمۇ ھەم بىر قەلبى بار.  ھاياتنىڭ قاتتىقلىقىدىن تويۇپ سەپرالىشىپ كەتكەن ئەرلەر، چىرايىدىن ئاددىي-ساددىلىق، مېھىر ۋە بىر غۇرۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئاياللار، كۆزلىرىنى يىراققا ئۇزاققىچە جىممىدە تىكىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىزلار، ھەممە نەرسىگە چەكسىز قىزىقىش بىلەن تويماي قارايدىغان بالىلار بۇ قەلبنىڭ رېتىمىدۇر.  ئىستانبۇلدىكى ھاياتنىڭ جىددىيلىكى ئادەمگە ھېلىلا ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. لېكىن، ئاشۇ جىددىيلىكنىڭ ئىچىدە يەنىلا بىر ۋەزمىنلىك بار.             ئىستانبۇل دۇئالىزمدىن