Posts

Showing posts from September, 2016

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى

20 -ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى قەدىمكى گرېك تراگېدىيىلىك ئەپسانىلىرىدە ئىدىپېس دېگەن بىر شاھزادە ئۆتكەنىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دېلڧىدىكى دانىشمەنلەر ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا شاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ئانىسىنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىدۇ. بۇ بېشارەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا قارىماي، ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاتىسى پادىشاھ لايئۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى جوكاستا بىلەن توي قىلىدۇ. توي قىلىشتا ھەر ئىككىسى ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلمەيدۇ. كېيىن، خانىش جاكوستا ئېرىنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ھەم ھازىرقى ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، نومۇس ۋە ھەسرەت-نادامەتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەن ئىدىپېسمۇ ئاخىرى بىر تال يىڭنە بىلەن ئىككى كۆزىنى كور قىلىۋېتىدۇ.             مەزكۇر تراگېدىيە، قانچىلىك ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، گرېك ئېڭىدىكى مۇنداق تۈپكى تېمىنى سۆزلەيدۇ: ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ تراگېدىيىلىك ھالىتى. بۇ ئەپسانىۋى تراگېدىيە بىزنى تەقدىرنىڭ ئىنتايىن سىرلىق، قارا

ھاياتنىڭ مەنىسى

ھاياتنىڭ مەنىسى مېنىڭ سوئالىم تەنتەك بالىدىن تارتىپ ئەڭ دانا ئاقساقالغىچە ھەركىمنىڭ روھىدىكى سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاددىيسىدۇر: ئۇ مەن تەجرىبە ئارقىلىق ئېرىشكەن سوئال بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىسىز ھېچكىم ياشىيالمايدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئبارەتتۇر: «بۈگۈن مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم بىلەن ئەتە قىلماقچى بولغىنىمدىن نېمە بارلىققا كېلىدۇ؟ مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمدىن نېمە بارلىققا كېلىدۇ؟»  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سوئال تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:«<مەن نېمە ئۈچۈن ياشىشىم، بىرەر نەرسىنى ئارزۇ قىلىشىم ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىم كېرەك؟» ئۇ يەنە مۇنداقمۇ ئىپادىلىنىدۇ: «مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغان  توسۇۋالغۇسىز ئۆلۈم ۋەيران قىلالمايدىغان بىرەر مەنىسى بارمۇ؟» -- لېۋ تولستوي، «توۋىنامە» «ئاننا كارېنىنا» ۋە «تىرىلىش» قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن دۇنياۋى يازغۇچىغا ئايلىنىپ بولغان لېۋ تولستوي ھاياتىنىڭ قىران مەزگىللىرىنى ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئويلىنىشقا ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئويلىنىشلىرى كېيىنچە «توۋىنامە» نامىدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەردىكى ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشنىڭ تىرەنلىكى بى