Posts

Showing posts from June, 2016

مۇھەممەد ئەلى: مەڭگۈلۈك ئېلىشقۇچى

مۇھەممەد ئەلى: مەڭگۈلۈك ئېلىشقۇچى ...بىز ئۈچۈن ئېلىشقان ئادەم. --باراك ئوباما بىر بۈيۈك شەخس ئالەمدىن ئۆتتى. بىر ئۇلۇغ بوكسچىنىڭ بەدىنى ھەرىكەتتىن توختىدى. بىر يانماس ئېلىشقۇچىنىڭ كاللسى تەپەككۈردىن توختىدى. بوكس دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس مۇھەممەد ئەلى 4-ئىيۇن كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئۇنىڭ ھاياتى  بىر رېئال قەھرىماننىڭ ئاللىبۇرۇن ئەپسانىلاشقان ھاياتىدۇر. ئۇ بوكس مەيدانىدا رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يەر چىشلەتكەن پەۋقۇلئاددە تالانتقا ئىگە بوكسچى بولسا،  رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر قەھرىماندۇر. ئۇ بوكس مەيدانىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئېلىشقۇچى بولسا، رېئال ھاياتتىمۇ شۇنچىلىك ئېلىشقۇچىدۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقماقتەك تېزلىك بىلەن پەۋقۇلئاددە كۈچ، تارتىملىق سالاپەت بىلەن قارشى تۇرۇپ بولغۇسىز شىددەت، ئۆتكۈر نەزەر بىلەن كەم كۆرۈلىدىغان ئۆزىگە ئىشىنىش ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر شەكىلدە بىرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە ھەر بىر ئويىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ