Posts

Showing posts from April, 2016

جاپپارنىڭ جاسارىتى

جاپپارنىڭ جاسارىتى ئۈچ ياشلىق بالا—كۆزلىرىدە  غەزەب، مۇشتى كىرىشكەن، قەددى تىك، ئاۋازى ياڭراق. ئۇنىڭ ئىسمى جاپپار. قارشىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى، ئەتراپىدا بۇ كۈتۈلمىگەن قارشىلىشىشنى كۆرۈپ تۇرغان خىتاي تاماشىبىنلىرى بار. جاپپار ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى خىتاينىڭ زوراۋان شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىدىن قوغداۋاتىدۇ؛ خىتاي خادىملار ھەدەپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ... بۇ دراماتىك كۆرۈنۈش ئادەمگە دەماللىققا خىيالىي تۇيغۇ بېرىدۇ: خۇددى ئۇ راست ئەمەستەك، ئۇنى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇپ چىققاندەك، ھەتتا بۇ بالىغا بىرى بۇنداق قىلىشنى ئالدىنئالا ئۆگىتىپ قويغاندەك. ئەمما بۇ راست بولغان ۋەقە. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنىڭ بىر كارتېنىسى. يەنى ئۇ بىر نان ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەتنىڭ بىر كىچىك قىسمى خالاس.   جاپپار شەكسىزكى بالا قەھرىماندۇر. ئۇ ئېھتىمال دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كىچىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچى  بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان قە