Posts

Showing posts from 2014

زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى

شۇڭا، مەن ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىرىدە -- يەنى، مېنىڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق تېرەنلىكتىن قېلىشمايدىغان تېرەنلىكتە –ئىدىم، شۇڭا مەن مەندىن باشقا ھېچكىمگە  چۈشەندۈرۈش تەس كەلمەيدىغان زىيالىي دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىكلىرىدە تۇرۇپ بالىغا، ياۋايىغا، پەرىشتىگە ۋە ئۆزۈمگە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىم .                      -  پول ۋالېر: «تېستې ئەپەندىم» زىيالىيلىق دېگەن نېمە؟ — بۇ بىر ئونتولوگىيىلىك سوئال بولۇپ، زىيالىيلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدۇ. زىيالىيلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسىدۇر. شۇنداقلا ئۇ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەدەنىيلەشكەن جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئوي توپى قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىچە فۇنكسىيىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىيالىيلىق بەزىدە جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلغان ھەم بېسىلغان ئاۋازىغا ۋە غۇرۇرىغا ۋەكىللىك قىلسا، بەزىدە مەلۇم ئىدېئولوگىيىنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەت ئەزالىرىغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىشىگە ئاڭسىز (ياكى بەزىدە