Posts

نەزەرلەردە ئادەم

نەزەرلەردە ئادەم


            قەدىمدە ئىنسانلار كۆزنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن ھالقىشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇش خىيالىدا بولغان. رىۋايەتلەردىكى سېھىرلىك ئەينەك مانا مۇشۇنىڭ جۈملىدىسىدىن ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنى ھەممە يەردىكى ئىشلارنى خالىغان ۋاقىتتا كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىگە قىلاتتى. بۇ بىر ئوپتىكىلىق خىيالىي تۇيغۇ ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ۋاقىت ۋە ماكانغا قاپسىلىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ھەققىدىكى خام خىيالى ئىدى. شۇنىڭدەك، ئۇ  بىر ھالقىما نەزەرگە ئېرىشىش ھەققىدىكى ئەسەبىيلىك ئىدى.               شۇنىسى ئېنىقكى، ئىنسانلار تا ھازىرغىچە بۇنداق بىر نەزەرگە ئىگە بولۇپ باقمىدى. ئەمما، ئۇلار مۇشۇنداق نەزەرلەرنىڭ ئاستىدا ياشايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق نەزەرلەر باركى، ئۇلار ئادەمگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقاندەك، ئۇنى كۆزىتىۋاتقاندەك ۋە ئۇنى باھالاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. بۇ نەزەرلەرنى ئادەم قايتۇرۇپ نەزەرلىيەلمەيدۇ. ئۇلارغا قايتۇرۇپ تىكىلەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ھەر ۋاقىت تىكىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ بەزىدە مانا مۇشۇ نەزەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ مۇتلەق شەخ…

شاھىدلارنىڭ تەرەپسىزلىكى

شاھىدلارنىڭ تەرەپسىزلىكى

ھاياتتا بىز ھەر ۋاقىت مەلۇم ئىشلارغا شاھىد بولۇپ تۇرىمىز. شۇنداقلا، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغىمۇ باشقىلار شاھىد بولۇپ تۇرىدۇ. شاھىد بولۇش ۋە بولۇنۇش بىزنىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلمىسىدۇر. بىز ھەم كۆزەتكۈچى ھەم كۆزىتىلگۈچىمىزدۇر. بۇ مەنىدىن، شاھىدلىق بىزنىڭ ئىجتىمائىيلىقىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىدۇر. ئاددىي ئېيتقاندا، شاھىد بولۇش مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى كۆزىتىشنى، ئاڭلاشنى، بىلىشنى، باھالاشنى ۋە ئۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشنى  كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بۇ مۇھاكىمىدە توختىلىدىغىنىمىز زوراۋانلىققا شاھىد بولغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىدۇر. سۆزىمىزنى ئالدى بىلەن مۇنداق بىر مىسالدىن باشلايلى. بىر ئادەم ۋېلىسىپىتى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قېرى ئايالنى قاتتىق سوقۇۋەتتى، دەيلى. ۋېلسىپىتچى ۋەقە سادىر بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالدىن ئەپۇ سوراش تۈگۈل ئۇنى قاتتىق ھاقارەتلىگەن بولسۇن. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى ۋېلىسىپىتچىنى ، يەنە بىر قىسمى ئۇ ئايالنى يولنى خاتا ماڭغانلىق بىلەن ئەيىبلىسۇن ۋە يەنە بىر قىسمى ھېچنېمە دېمەي جىم تۇرغان بولسۇن. ئالدى بىلەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىنتايى…

چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 2017-يىللىق راي سىناشقا قاتنىشىڭ!

چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان 2017-يىللىق راي سىناشقا قاتنىشىڭ!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدىن ئىيۇنغىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۇلتۇرى، ئىجتىمائىي ھاياتى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي كەلگۈسى ھەققدىكى قاراشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلىنغان راي سىناش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى 2016-يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى—ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كۇلتۇرى ۋە جەمئىيىتى» يىغىنىدا ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە مېنىڭ بلوگىمدا ئېلان قىلىندى. ئۇشبۇ راي سىناش نەتىجىسى بىزگە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى، باشقىلار ۋە دۇنيا ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقى، نېمىلەردىن ئەنسىرەپ نېمىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ۋە كەلگۈسىدىن قانداق ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە مۇھىم مەلۇماتلارنى بەردى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدەك چىققان بولسىمۇ، يەنە بەزىلىرى كۈتكىنىمىزنىڭ ئەكسىچە چىقتى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، بىز بىر-بىرىمىزنىڭ نېمىنى قانداق  ئويلاۋاتقانلىقىمىز ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىكتىن خ…